شىمالىي كورېيەنىڭ 15 جايغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئەنگلىيەنىڭ «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»، شىمالىي كورېيەنىڭ تەلۋە رەھبىرى كىم چوڭ ئۇننىڭ بەزى ھۇجۇم نىشانلىرىنى بەلىگىلگەنلىكىنى ۋە بۇ نىشانلارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىقىغانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.

854442
شىمالىي كورېيەنىڭ 15 جايغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى مەسلىھەتچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇننىڭ ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن 15 جاينى بەلىگىلىگەنلىكىنى ئاشكارىلاندى.

بۇ ھۇجۇم نىشانلىرى ئارىسىدا ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق بىر قانچىلىغان دۆلەتلەرنىڭ شەھەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرى بارلىقى بىلدۈرۇلدى.

شىمالي كورېيەنىڭ ئالدىنقى ئايدا «سىلەرگە ئاتوم بومبىسى ئاتىمىز» دەپ سالغان تەھدىتلىرىنىڭ ئارقا پىلانى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»، شىمالىي كورېيەنىڭ تەلۋە رەھبىرى كىم چوڭ ئۇننىڭ بەزى ھۇجۇم نىشانلىرىنى بەلىگىلگەنلىكىنى ۋە بۇ نىشانلارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنى مەنبە كۆرسەتكەن دوكلاتىدا، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتا 15 نىشانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، «شىمالىي كورېيەلىك بىر مەنبە، يادرولۇق قورال ھۇجۇمىنىڭ كەلگۈسى ھۇجۇم نىشانلىرىنى بىزگە يەتكۈزدى. شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى بەزى ئىستىراتېگىيەلىك نۇقتىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلمىپ بەلگىلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھاۋايدىكى بەزى جايلار بار» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلگەن ھۇجۇم نىشانلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسى، مانھاتتان، گۇئام، سېئۇل، بۇسان، ئوكىناۋا، توكيو ۋە كىيوتو قاتارلىقلار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر