پۇتىن: ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىڭلار

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، سوچىدا چاقىرىلغان تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سۈرىيە يىغىنىدىن كېيىن ئىشتىراك قىلغان بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، «ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش» توغرىسىدا يوليۇرۇق چۈشۈردى.

853627
پۇتىن: ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىڭلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر پۇتىن يىغىندىكى سۆزىدە، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ھەربىي سانائەتكە ئاجىرىتىدىغان سەرپىياتىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى، يېڭى ھەربىي سېلىنمىلارغا مەركەزلىشىش لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. «ئەگەر غەلىبە قىلىشنى خالايدىغان بولساق، تېخىمۇ ياخشى بولۇشىمىز لازىم» دېگەن پۇتىن، رۇسىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىدىن ئېشىپ چۈشۈشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

2008 – يىلىدىكى رۇسىيە – گىرۇزىيە توقۇنۇشى بىلەن تەڭ رۇسىيە ئارمىيەسى كونا سوۋېت قوراللىرىنى تاشلاپ، كەڭ كۆلەملىك زامانىۋىلىشىش يولىغا قەدەم قويغانىدى. ئۆتكەن يىلى رۇسىيەنىڭ ھەربىي خامچوتى مىللىي كىرىمنىڭ %3.3 دىن ئېشىپ رېكورت ياراتقانىدى. رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار سەرپىياتى ئەڭ چوڭ رەقىبى ناتونىڭ ھەربىي راسخۇتلىرىدىن %30 ئاز.

دۈشەنبە كۈنى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەي، رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇملىرىنىڭ دۇنياغا تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشى، ھەتتا «ئۇلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز» دەپ رۇسىيەگە ئىشارەت قىلىشىنىڭ پۇتىننىڭ «ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش» تېمىلىق نۇتقىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر