لىۋان باش ئىشتاب باشلىقى ئارمىيەنى ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى تەييار تۇرۇشقا بۇيرۇدى

لىۋان ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف ئەۋن، «دۈشمەن ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىت ۋە قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن» دۆلەتنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدا «تولۇق تەييار ھالەتتە تۇرۇش» توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

851808
لىۋان باش ئىشتاب باشلىقى ئارمىيەنى ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى تەييار تۇرۇشقا بۇيرۇدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ، ئىران بىلەن ھىزبۇللاھنى باھانە قىلىپ، «مۆتىدىل ئەرەب رەھبەرلەر» نى ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىشقا چاقىرىشى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مەخپىي ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدىن كېيىن، لىۋان ئارمىيەسى جەنۇبىي چېگرادا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلەردىن «تولۇق ھالەتتە تەييار تۇرۇش» ى تەلەپ قىلىندى.

لىۋان ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف ئەۋن تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق، «دۈشمەن ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىت ۋە قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا قارشى تولۇق ھالەتتە تەييار تۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇ، ئىسرائىلىيە چېگراسىدىكى مۇقىملىقنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن، 1701 – نومۇرلۇق ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھۆججىتىنى «جايىدا ئادا قىلىشقا» تەييار تۇرۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر