ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەخپىي ئالاقىلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن يوشۇرۇن ئالاقە ئورناتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

851175
ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەخپىي ئالاقىلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيە مىنىستىرى يۇۋال ستېئىنىتز، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن دۆلىتىنىڭ ئىرانغا دائىر ئورتاق ئەندىشىلىرى بارلىقىنى، شۇڭا يوشۇرۇن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى يۇۋال ستېئىنىتز، بۇ ئالاقىنىڭ نېمىشقا يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، كۆپلىگەن مۇسۇلمان ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن قىسمەن يوشۇرۇن ئالاقىلىرىنىڭ بارلىقىنى، بۇنى قارشى تەرەپنىڭ مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گادى ئېئىسېنكوتمۇ ئۆتكەن ھەپتە سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان بىر گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىرانغا قارشى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا مۆتىدىل ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن تەجرىبە ۋە ئىستىخبارات (دۆلەت مەخپىيەتلىك ئۇچۇرلىرى) ئالماشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ كۆپلىگەن ئورتاق مەنپەئەتلىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئېئىسېنكوت، «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا رايوندا يېڭى بىر خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىق قۇرۇش پۇرسىتى بار. ئىران تەھدىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بۈيۈك ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ چىقىشىقا ئېھتىياجىمىز بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.

بىر سەئۇدى ئەرەبىستان گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «تۇنجى» ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بولغان ئېئىسېنكوت، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى نوپۇزىنىڭ ھەم ئىسرائىلىيە ھەم سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  «ئىراننىڭ پىلانى ئىككى شىئە ھىلالى بىلەن ئوتتۇرا شەرقنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئىراندىن ئىراققا، ئۇ يەردىن سۇرىيە ئارقىلىق لىۋانغىچە سوزۇلىدۇ. يەنە بىرى بولسا، بەھرەين ۋە يەمەن ئارقىلىق قىزىل دېڭىزغىچە سوزۇلىدۇ. بۇنىڭ روياپقا چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىمىز كېرەك» دېگەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئىراننىڭ «كېڭەيمىچىلىكى» توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئەندىشىلىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئېئىسېنكوت، بۇ جەھەتتە سەئۇدىيلىقلار بىلەن ئىسرائىلىيەلىكلەر ئارىسىدا «تولۇق تونۇش بىرلىكى» بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر