ئاسىيا – نتىچ ئوكيان باشلىقلار يىغىنى
ئاسىيا – نتىچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ۋېيتنامنىڭ داناڭ شەھىرىدە داۋاملاشماقتا.
845307
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۇچراشتۇرغان يىغىندا، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا.
يىغىن دائىرىسىدە ترانس تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقى ئەھدىنامىسىنى قوبۇل قىلغان 11 دۆلەتنىڭ سودا ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىلگىرى ئەھدىنامىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكىنى چەتتە قالدۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەر ئارا ئەركىن سودا نىشان قىلىنغان ترانس تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقى كېلىشىمى تۈزدى.