سەئۇدى ئەرەبىستان دائىلىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ بانكا ھېساباتلىرىنى توڭلىتىپ قويدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تەپتىش مەھكىمىسى، چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا چېتىلىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ بانكا ھېساباتلىرىنى توڭلىتىپ قويدى.

842975
سەئۇدى ئەرەبىستان دائىلىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ بانكا ھېساباتلىرىنى توڭلىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپا، سەئۇدى ئەرەبىستان پۇل – مۇئامىلە ئاگېنتلىقىنىڭ باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، چېرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان شاھزادىلەر، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە مىلياردېر سودا – سانائەتچىلەر قاتارلىقلارنىڭ خۇسۇسىي بانكا ھېساباتلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پۇل – مۇئامىلە ئاگېنتلىقى، ھازىرچە پەقەت گۇماندارلارنىڭ خۇسۇسىي ھېساباتلىرىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى، نازارەت ئاستىدىكىلەرنىڭ ياكى ئۇلار پاي سالغان شىركەتلەرنىڭ ھېساباتلىرىنىڭ توڭلىتىلمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بانكىلارغا بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار يوليۇرۇقنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە ھېساباتلارنىڭ توڭلىتىلغانلىقى؛ سەئۇدى ئەرەبىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن دۆلەت ئىچى – سىرتىدا پۇل سېلىش، ئېلىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر