سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننى ئەيىبلىدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئادىل ئەلجۇبەير دۆلەتنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قەتئىي رۇخسەت قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

842647
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئادىل ئەلجۇبەير دۆلەتنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قەتئىي رۇخسەت قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، «ئىراننىڭ دۈشمەنلەرچە قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە مۇۋاپىق زامان ۋە ئۇسلۇبتا جاۋاب بېرىش ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى» بىلدۈردى.

ئەلجۇبەير تۋىتتېر ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتتا: «ئىران تېررورلۇقىنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنى قورقۇتۇپ، كىچىك بالىلارنى قەتل قىلىشنى، خەلقئارالىق قانۇنلارنى ئاياق-ئاستى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرى يەمەننى ۋەيران قىلغان تېررورلۇق ۋاستىسىدۇر» دېدى.

ئەلجۇبەير ئىراننىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە قول تىقىپ، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغانلىقىنى، خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەسىر قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «مىللىي بىخەتەرلىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قەتئىي رۇخسەت قىلالمايمىز، ئىراننىڭ دۈشمەنلەرچە قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە مۇۋاپىق زامان ۋە ئۇسلۇبتا جاۋاب بېرىش ھوقۇقىنى قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم، ئىراننىڭ ھۇسىيلارغا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھۇجۇم قىلغاندا ئىشلەتكەن بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بېرىشىنى «ئۇرۇش ھەرىكىتى» دەپ قاراشقا بولىدىغان «ئوچۇقتىن ئوچۇق ۋە بىۋاستە قىلىنغان ھەربىي ھۇجۇم» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

شەنبە (4-نويابىر) كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادنىڭ شەرقىي شىمالىغا ئېتىلغان بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئارقىلىق پاچاقلاپ تاشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر