پۇتىن نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنى تەبرىكلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 25-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرسۇلتان نەزەرياېۋنى تەبرىكلدى.

831869
پۇتىن نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئاستانا بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 25-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنى تەبرىكلەپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن نۇرسۇلتان نەزەربايېۋغا تېلېفون قىلىپ ئۆتكەن چارەك ئەسىرلىك مەزگىلدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلغان دوستانە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنى بىرلەشتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «مۇناسىۋىتىمىزنى ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق سەۋىيەسىگە ئېلىپ كەلدۇق.»

پۇتىن سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «مۇناسىۋەتلىرىمىز ھەر ساھەدە كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي مۇنبىرىدىكى ھەمكارلىقىمۇ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا.»

پۇتىن موسكۋا بىلەن ئاستانا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان تەقدىردە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا خەلقئارادا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا كۆرىنەرلىك پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ ئارزۇ قىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر