يەمەندە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ سانى 2 مىليونغا يېقىنلاشتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالىي كومىسسارلىقى يەمەندە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ سانىنىڭ 2 مىليونغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

809590
يەمەندە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ سانى 2 مىليونغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالىي كومىسسارلىقى يەمەندە ئۇرۇش تۈپەيلى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ 2 مىليونغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ب د ت ئالىي كومىسسارلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تەييارلانغان دوكلاتتا، يەمەن ئىچىدىلا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان يەمەنلىكلەرنىڭ سانىنىڭ 1 مىليون 980مىڭ 510 ئىكەنلىكى، بۇلار ئىچىدە %84نىڭ بىر يىل ئىلگىرى ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا ئۇرۇشنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، 949مىڭ 44كىشىنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىپ كەلگەنلىكى، يەمەندە يەنە سومالىلىق ۋە ئېفىيوپىيەلىك 623مىڭ 280مىڭ مۇساپىر بىلەن سىياسىي پاناھلىق تىلگۈچىلەرنىڭمۇ بارلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا يەمەندىكى ئۇرۇشنىڭ مۇساپىرلار بىلەن يەمەن ئىچىدە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا يەنە ب د ت ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ بۇ كىشىلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن 114مىليون 600 دوللار كېتىدىغانلىقى، بۇ چقىملارنىڭ %47نىڭ ھەل بولغانلىقى، نۆۋەتتە 61مىليون 100مىڭ دوللارغا ئېھتىياج بارلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر