مىسىر، شەرتلەر ئورۇندالغان تەقدىردە قاتار بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىرنىڭ، تەلەپلەر تىزىملىكىگە ئاۋاز قوشقان تەقدىردە قاتار بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

809783
مىسىر، شەرتلەر ئورۇندالغان تەقدىردە قاتار بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  نىڭ نيۇ يوركتا چاقىرىلغان 72 – نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرىسىدە، مەزكۇر تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىن ئۆتكۈزدى؛ يىغىندىن كېيىن بايانات بەرگەن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرى، ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھېچكىمنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغانلىقىنى، قاتارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

سەمىھ شۇكرى، «13 ماددىلىق تەلەپلەر تىزىملىكىگە ئاۋاز قوشۇلغان تەقدىردە، قاتار بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

قاتار بىلەن بەزى ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدىكى كىرىزىس، 5 – ئىيۇندا سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين دائىرىلىرىنىڭ قاتار بىلەن بولغان پۈتكۈل دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشى بىلەن باشلىغانىدى.

قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن مەزكۇر تۆت دۆلەت، مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن دوھا دائىرىلىرىگە، «ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ تاقىۋېتىلىشى» قاتارلىق 13 ماددىلىق تەلەپ تىزىملىكىنى سۇنغان، قاتار تەلەپلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق تەلەپنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر