چېگرا رايونى ئاگاھلاندۇرۇشى

تۈركىيە شىمالىي ئىراق ھۆكۈمىتىگە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە.

809996
چېگرا رايونى ئاگاھلاندۇرۇشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 22 – سېنتەبىردە چاقىرىلىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا مۇھىم قارارلارنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. تۈنۈگۈن باش مىنىستىر يىلدىرىممۇ شانلىئۇرفادىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى: «سۈنئىي دۆلەت قۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار دەل ۋاقتىدا تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشىدۇ.»

يىلدىرىم تۈنۈگۈن: «تۈركىيەنىڭ ئىرادىسى قەتئىي بولۇپ، ئۆز تېرروتېرىيەسىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا كەلگەندە قىلچە ئالدى – كەينىگە قارىمايدۇ» تەرىقىسىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيەسىمۇ شىرناقتا ئىراق چېگراسىدا 100 گە يېقىن تانكا، شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ۋە بىرونېۋىك قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى بارزانىغا تۈركىيەنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ قويۇش مەقسىتىدە مانېۋىر باشلاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر