بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئاراكان توغرۇلۇق ئىنسانىي پالاكەت ئاگاھلاندۇرۇشى كەلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېس بىرما دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى  زوراۋانلىقتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

800121
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئاراكان توغرۇلۇق ئىنسانىي پالاكەت ئاگاھلاندۇرۇشى كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتتېررېس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئاراكاندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان ئىنسانىي پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرما دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى سوغۇققان بولۇشقا ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى ھەمدە بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئۇلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە ئېرىشىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باڭلادېش دائىرىلىرىنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، ھۇجۇملار باشلانغان ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىن تارتىپ ھازىرغىچە 38 مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمان قانۇنسىز يوللار بىلەن باڭلادېش تەرەپكە ئۆتكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، كانادا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

كانادا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «بىرمىنىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىمىز» دېيىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، باڭلادېش چېگراسىدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى خەۋپ ئىچىدە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر