تۇخۇم كىرىزىسى ئىتالىيەگىمۇ كېڭەيدى

گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مەيدانغا كەلگەن تۇخۇم كىرىزىسى ئىتالىيەگىمۇ كېڭەيدى.

794157
تۇخۇم كىرىزىسى ئىتالىيەگىمۇ كېڭەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بۇ ئاينىڭ بېشىدا مەيدانغا كەلگەن تۇخۇم كىرىزىسى ئىتالىيەدىمۇ يۈز بەردى.

ئىتالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۇخۇم كىرىزىسى يۈز بەرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ئىتالىيە مىقىياسىدا يىغىلغان 114 تۇخۇم ئەۋرشىكىسىنىڭ 2سىدە فىپرونىل ماددىسىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەكشۈرۈشلەردە نەتىجىسى مۇسبەت چىققان ئەۋرىشكىلەرنىڭ لازىيو ۋە مارچې رايونلىرىدا بايقالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىستېمالچىلار ھوقۇقى جەمئىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن فىپرونىل ماددىسى بولغان مەھسۇلاتلار بىلەن بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئىسىملىرىنى بۇرۇنراق ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن گوللاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە بېلگىيەدە تۇخۇملارنىڭ تەركبىدە فىپرونىل ماددىسى ئېنىقلانغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن كىرىزىس ئېكسپورت سەۋەبىدىن ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيدى.

تېز سۈرئەتتە چوڭايغان تۇخۇم كىرىزىسى نەتىجىسىدە مىليونلارچە تۇخۇم تاللا بازارلىرى بىلەن ئىسكىلاتلاردىن چىقىرىلىپ ۋەيران قىلىندى ۋە  ياۋروپا مىقىياسىدا 150 تۇخۇ فىرمىسى ۋاقىتلىق تاقىۋېتىلدى.

فىپرونىل ماددىسى بولۇپمۇ تۇخۇ ساھەسىدە پىت، قۇرتلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قۇرت دورىسى بولسىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ئىنسانلارنىڭ ئىستېمالى ئۈچۈن يېتىشتۈرۈلىدىغان تۇخۇغا ئوخشاش ھايۋانلارغا ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى فىپرونىل ماددىسىنىڭ «ئوتتۇرا سەۋىيەدە زىيانلىق ماددا»ئىكەنلىكىنى، نورمىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلىنغان تەقدىردە بۆرە، جىگەر ۋە تىرويىت بېزىغا زىيان بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر