نىيۇيوركتا ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ نىيۇيورك زىيارىتىدە نارازىلىققا ئۇچرىدى.

789925
نىيۇيوركتا ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نىيۇيوركتا نارازىلىققا ئۇچرىدى.

دونالد ترامپ پىرېزىدېنت بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بارغان نىيۇيوركتىكى ئۆيى بولغان ترامپ بىناسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىققا ئۇچرىدى.

نامايىشچىلار ئىچىدە بولغان نىيۇيورك پارلامېنت باشلىقى مەلىسسا مارك-ۋىۋرىتو دونالد ترامپ توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭغا نىيۇيوركقا خوش كەلدىڭىز دېمەيمىز`، ئەلۋەتتە.»

ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە داۋاملىق ئۇرۇشنى ياقلىغان ھالدا بايانات بېرىشى ۋە ۋىرجىنيا ئىشتاتىغا قاراشلىق چارلوتتېسۋىللې شەھىرىدىكى ئىرقچىلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى تۈپەيلى، مىڭلارچە نىيۇيوركلۇق ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوخشىمىغان جايلاردىن ترامپ بىناسىغا قاراپ ماڭدى.

بۇ ئارىلىقتا ئىنتېل (İntel) ۋە تەنتەربىيە مەھسۇلاتلىرى شىركىتى ئاندېر ئارمور (Under Armour)نىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى باشلىقلىرى ترامپقا مەسلىھەت بېرىدىغان «ئامېرىكا سانائەت كېڭىشى»دىن ئىستېپا بەرگەنلىكلىرىنى جاكارلىدى.

ئىنتېل شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى بىرىيان كىرزانىچ بىلەن ئاندېر ئارمور (Under Armour)نىڭ باش دېرىكتورى كېۋىن پىلانك، دونالد ترامپ سودا دۇنياسى بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان ئامېرىكا سانائەت كېڭىشىدىن ئىستېپا بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى سودا دۇنياسى ۋەكىللىرى بولدى. ئامېرىكىدا ھەپتە ئاخىرى يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن ئامېرىكا سانائەت كېڭىشىدىن ئىستېپا بەرگەن مەسئۇللارنىڭ سانى 3گە يەتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر