ياپونىيە شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ياپومىيە شىمالىي كورېيەنىڭ گۇئام ئارىلىغا ئاتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ياپونىيە تېررىتورىيەسىدىن ئۆتكەن تەقدىردە ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

787656
ياپونىيە شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە گۇئام ئارىلىغا باسقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاقتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، قوشنا دۆلەتلەرمۇ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقلىرىنى قىلماقتا.

كىيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ياپونىيەنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىتسۇنورى ئونودېرا پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتىدا سۆز قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكىغا تەۋە گۇئام ئاپتونوم ئارىلىغا قىلماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى توسۇپ قالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر ئونودېرا ئەگەر باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ياپونىيە تېررىتورىيەسىدىن ئۆتكەن تەقدىردە ئېتىپ چۈشۈرىۋېتەيلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ياپونىيە ھەر دائىم يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللارغا ئۆزىنى تەييار تۇتۇپ كەلمەكتە» دېدى.

مىنىستىر ئونودېرا ئۇنداق ئەھۋالدا پۈتۈن ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە كوللېكتىپ قانۇنلۇق مۇداپىئە ھوقۇقىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئىگە پاراخوتلارنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

جونۇبىي كورېيەمۇ شىمالىي كورېيەگە قارشى قاتتىق بايانات ئېلان قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى پولكاۋنىك روخ جا چىئون شىمالىي كورېيە گۇئام ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان تەقدىردە، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ قەتئىي رەھىم قىلماستىن ئىنتايىن كۈچلۈك جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

روخ جا چىئون بۇ تەييارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىمۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى درىجىلىك بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى چوڭ ئىي يوڭنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن چۈشتىن كېيىن دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «KCNA» ئارمىيەنىڭ گۇئام ئارىلى دېڭىزىغا مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى 4 ئوتتۇرا مۇساپىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان قويۇپ بېرىش پىلانى بارلىقىنى ۋە بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ياپونىيەدىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر