«كورېيە يېرىم ئارىلىدا توقۇنۇش ياكى ئۇرۇشقا قەتئىي قارشىمىز»

خىتاي ھۆكۈمىتى كورېيە يېرىم ئارىلىدا توقۇنۇش ياكى ئۇرۇشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

781155
«كورېيە يېرىم ئارىلىدا توقۇنۇش ياكى ئۇرۇشقا قەتئىي قارشىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى لىيۇ جېييى شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان سۈركىلىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كورېيە يېرىم ئارىلىدا توقۇنۇش ياكى ئۇرۇشقا قەتئىي قارشىمىز.»

لىيۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە  بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش ئىكەنلىكىنى ۋە دىيالوگ ۋە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەندە ئاندىن بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارانىڭمۇ بىزدەك مەقسىتى بارلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ئالاقىدار تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھازىرغىچە دىيالوگ ئورنىتىلمىغانلىقىنى، شۇڭا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش لازىملىقىنى ئېيتقان لىيۇ، خىتاينىڭ چارە تېپىش ۋە رۇسىيە بىلەن يول خەرىتىسى بېكىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

لىىيۇ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بولسا رايونغا ئىستىراتېگىيەلىك بومباردىمان ئايروپىلانلارنى ئەۋەتىپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكتىلەپ ئۆتتى.

خىتاي ئەلچىسى لىيۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاينى شىمالىي كورېيەگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «شىمالىي كورېيەنىڭ قورالسىزلىنىشى مەسىلىسىدە خىتاينىڭ رولىنىڭ چوڭلىقى داۋاملىق كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە، شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا زىممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلمىسا، خىتاي قانداق قىلىشتىن قەتئىينەزەر نەتىجە چىقمايدۇ. مەسئۇلىيەت خىتايغا ئەمەس بۇ ئىككى دۆلەتكە تەۋەدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر