مىسىردا بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا 2 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى

مىسىردا كىملىكى نامەلۇم مەرگەنلەر ئۇزاقتىن ھۇجۇم قىلىپ، 2 ئەسكەرنى ئۆلتۈردى.

770814
مىسىردا بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا 2 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سىنا ۋىلايىتىدە بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوق تېگىپ 2 ئەسكەر ئۆلدى.

مىسىر ئامانلىقنى ساقلاش مەنبەلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئەل ئەرىش شەھىرىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 2 ئەسكەر كىملىكى نامەلۇم مەرگەنلەر تەرىپىدىن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان.

ئەسكەرلەرگە مەرگەنلەرنىڭ ئوقى تېگىپ، نەق مەيدانىدىلا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچقايسى تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر