ئامېرىكا ئىراقتىكى ئەسكەر سانىنى قىسقارتمايدۇ

ئىراقتا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئامېرىكىلىق قوماندانى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىراقتىن تازىلانغاندىن كېيىنمۇ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قىسقارتىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

769414
ئامېرىكا ئىراقتىكى ئەسكەر سانىنى قىسقارتمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى بىرلەشمە قىسىمنىڭ قوماندانى گېنېرال ستېفېن تاۋنسېند مۇسۇل ئېلىنغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سانىنىڭ قىسقارتىلمايدىغانلىقىنى، دائېش ئىراقتىن تازىلانغاندىن كېيىنمۇ بىرلەشمە قىسىمنىڭ بۇ دۆلەتتىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تاۋنسېند باغدادتا تۇرۇپ ۋىدېئو كونفېرانس ئارقىلىق ۋاشىنگتونغا دائېشقا قارشى داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ مۇسۇل پۈتۈنلەي تازىلانغاندىن كېيىنمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەسكەر سانىدا قىسقارتىش بولۇپ-بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «ئەسكەر سانى قىسقارتىلمايدۇ، دەپ پەرەز قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ: «مۇسۇلنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى، ئەلۋەتتە ناھايىتى مۇھىم غەلىبە. بىراق، نىنوۋا ۋىلايىتىدە تازىلىنىشى كېرەك بولغان تەلئافەرگە ئوخشاش نوپۇسى زىچ جايلار بار، غەربىي ئەنبارمۇ تازىلىنىشى كېرەك. شۇڭا، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا خېلى ۋاقىت بار. بۇ سەۋەبتىن، يېقىنقى ۋاقىتتا ئەسكەر سانىمىزدا قىسقارتىشلار بولىدۇ دەپ ئويلىمايمەن. چۈنكى بىرلەشمە قىسىم ۋە ئىراقلىقلار تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك بولغان نۇرغۇن ئىشلار بار» دېدى.

ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ دائېشتىن كېيىنكى ۋاقىتتىمۇ ئامېرىكا ۋە بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئىراقتا قېلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن تاۋنسېند، بۇ مەسىلىدە قارار قىلىشنى كېيىنكى مەزگىلگە قالدۇرۇلغانلىقىنى، دائېشتىن كېيىنكى ۋاقىتتىمۇ بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئىراقتا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ 2011-يىلى ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراقتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ۋەزىيەتنىڭ قايتا كۆرۈلمەسلىكى ئۈچۈ ئامېرىكا ۋە بىرلەشمە قىسىمنىڭ رايوندا قېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئۆتكۈزىدىغان رېفېراندۇمنىڭ رايوندىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەرگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى يەتكۈزمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «ئىراقتا ھازىرمۇ ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار ئارىسىدا سۈركىلىشلەر بار. شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى مەۋجۇت مەسىلىلەرگە يەنە بىر مەسىلىنى قوشىدۇ. ھۆكۈمىتىمىز بۇنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش نۇقتىسىدىن ياخشى ئەمەس، دەپ قارايدۇ. بىرلەشمە قىسىم ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ دۇنيانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرىشى نۇقتىسىدىن ياخشى ئەمەس. بۇ ئەھۋاللار تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر