قاتار كىرىزىسىگە چېتىشلىق دۆلەتلەر كىرزىسىنى بۇرۇنراق ھەل قىلىشقا چاقىرىلدى

ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر قاتار كىرىزىسىگە چېتىشلىق دۆلەتلەرنى كىرزىسىنى بۇرۇنراق ھەل قىلىشقا چاقىردى.

768353
قاتار كىرىزىسىگە چېتىشلىق دۆلەتلەر كىرزىسىنى بۇرۇنراق ھەل قىلىشقا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە كۇۋەيت قاتار كىرىزىسىگە چېتىشلىق دۆلەتلەرنى مەسىلىنى بۇرۇنراق ھەل قىلىشقا چاقىردى.

ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون كۇۋەيتتە مەنسەبدېشى شەيخ ساباھ خالىد ئەل ھاماد ئەل ساباھ بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا قاتارغا قارشى شەكىللەنگەن دۆلەتلەر گۇرۇھىدا ئورۇن ئالغان دۆلەتلەردىن نۆۋەتتىكى كىرىزىسنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دىيالوگ يولى ئارقىلىق كىرىزىسكە خاتىمە بېرىش تەلەپ قىلىندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىللېرسوننىڭ كۇۋەيتتىن كېينكى زىيارەت بېكىتى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتار بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، بەھرەيىن ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، قاتارنى 2013 ۋە 2014-يىلدىكى ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.

دوھا ھاكىمىيىتىنى تېررورىزىمغا يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلىگەن بۇ دۆلەتلەر قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا چېگرالىرىنى قاتارغا تاقىۋەتكەندىن سىرت، قاتار پۇقرالىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

يېتىم قالدۇرۇلىدىغان قاتارنى ھەممىدىن بەك تۈركىيە بىلەن ئىران يېقىندىن قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر