ھامبۇرگ شەھىرىدىكى نامايىش جەريانىدا 213 ساقچى يارىدار بولدى

ھامبۇرگ شەھىرىنىڭ بەزى رايونلىرىدا بولسا، نامايىشچىلار كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئەتراپقا زىيان سېلىشنى ۋە ماگزىنلارنى بولاڭ - تالاڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

767027
ھامبۇرگ شەھىرىدىكى نامايىش جەريانىدا 213 ساقچى يارىدار بولدى
hamburg g-20 protesto.jpg
hamburg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ساقچىلار نامايىشچىلارغا قاتتىق مۇداخىلە قىلدى.

نامايىشچىلار توساقلارغا ئوت قويۇپ بەردى. نۇرغۇن ساندا ساقچى ۋە  قوراللىق قىسىم نامايىش پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان سىچۇلتېربىلات كوچىسىغا باستۇرۇپ كېلىپ، نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلدى.

نامايىشچىلار ساقچىلارغا شىشە ۋە تاش ئاتتى. ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئىشلەتتى.

نامايىشچىلاردىن 265 كىشى قولغا ئېلىندى ۋە نۇرغۇنلىغان نامايىشچىلار ئەتراپتىكى كوچىلارغا قاچتى. ۋەقەدە 213 ساقچى يارىدار بولدى.

ئامانلىقنى ساقلاش قىسملىرى كىچىك كوچىلاردىكى ئۆيلەرگىمۇ باستۇرۇپ كىردى ۋە ئۆگزىلىرىگە چىقىپ ئورۇنلاشتى.

قاتتىق مۇداخىلىدىن كېيىن ساقچىلار كوچىنىڭ بىر قىسىمىنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سىچانزېنۋېرتېل رايونىدا بولسا، بەزى نامايىشچىلار كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئەتراپقا زىيان سېلىشنى ۋە ماگزىنلارنى بولاڭ - تالاڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

نامايىشچىلار كېيىنچە سىچىلۇمپ رايونىدا توساق قۇردى. ساقچىلار دەرھال بۇ رايوننى قاتناشقا تاقاپ، نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن بەزى مۇخبىرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە تور بەتلىرىدە ھەمبەھىرلەشكەن خەۋەرلىرى ئارقىلىق ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرگە ناچار مۇئامىلە قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

بىلد گېزىتى مۇخبىرى فىرانك سىچىنېدېر ساقچىلارنىڭ ئۇدۇللا مۇخبىرلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانك سىچىنېدېر بىر ساقچىنىڭ «ھازىردىن باشلاپ ئاخبارات ئەركىنلىكى يوق. دەرھال بۇ يەردىن يوقال! بولمىسا دوختۇرخانىغا بېرىپ قالىسەن» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى ھەمبەھىرلەشتى.

باشقا نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلەرمۇ نەخ مەيداننى تارتىپ ھەمبەھىرلىشىشكە ئالاقىدار ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى. 

ھامبۇرگدا تۈنۈگۈن باشلانغان ۋە شەھەرنىڭ بەزى جايلىرىدا توختىماي داۋملىشىۋاتقان نامايىشلاردا نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

نامايىشچىلار توساقلارنى قۇرۇپ ئوت قويغان ۋە ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىىسىدا تۇقۇنۇشلار يۈز بەرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر