قاتار كىرىزىسى ھەل بولماي تۇرۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرىگە قورال سېتىشقا بولمايدۇ

قاتار كىرىزىسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈزگەن 110 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىۋېلىش كېلىشىمىگە سەلىبىي تەسىر كۆرسىتىدىغاندەك قىلىدۇ.

759971
قاتار كىرىزىسى ھەل بولماي تۇرۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرىگە قورال سېتىشقا بولمايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار بىلەن بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسلەر كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى سلاقلاپ كەلمەكتە.

بۇ قېتىم مەزكۇر كىزىرىس سەۋەبىدىن ئامېرىكا پالاتاسى تەرىپىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسونغا مەكتۇپ يوللاندى. 

مەكتۇپتا قاتار بىلەن يۈز بەرگەن كىزىرىس ھەل بولغانغا قەدەر پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرگە قورال سېتىشقا رۇخسەت بېرىلمەيدىغانلىقى تەكىتلەندى. 

ئامېرىكا پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى باشلىقى بوب جوركېر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسونغا يازغان مەكتۇبىدا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرگە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىشنى تەستىقلاشتىن ئىلگىرى مەۋجۇت كىرىزىسنى ھەل قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى بىر قاراشقا ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

قورال سېتىش كېلىشىمى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ئەھۋالدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى جەريانىدا تۈزگەن 110 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىش كېلىشىمىمۇ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. چۈنكى ئامېرىكىدا قورال سېتىش كېلىشىملىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىغا سۇنىلىدۇ. 

دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ۋە پالاتا تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتلىرىنىڭ باشلىقلىرى شۇنداقلا پىشقەدەم ئەزالىرىنىڭ ئېتىرازى بولمىغان ئەھۋالدىلا ئاندىن مەزكۇر قورال سېتىش قارارى دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن ھېسابلىنىدۇ.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر