سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىللىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستانغا جايلاشقان «پادىشاھ سەلمان ياردەم ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى مەركىزى» نىڭ يەمەنگە ئەۋەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ئۈچ يۈك ئاپتوموبىلى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

753839
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىللىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن سابا (SABA) ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ئۈچ يۈك ئاپتوموبىلى مارىب بىلەن سانئاغا قاراشلىق نىھىم ناھىيەسىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان يولدىكى ئىسكىلاتقا يۈكلىرىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن توختىغان ۋاقىتتا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئىسكىلاتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كەلگەن.

پادىشاھ سەلمان ياردەم ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى مەركىزىنىڭ باياناتىدا، بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ يەمەن خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىشكە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بىر قانچە يىللاردىن بۇيان مۇقىمسىزلىق داۋاملىشىۋاتقان يەمەندە ھۇسىيلار ۋە ئۇلارنى قوللىغان سابىق پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالى تەرەپدارلىرى بىلەن قانۇنلۇق ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار، دۆلەت مىقياسىدا ئوخشىمىغان جايلاردا داۋام قىلماقتا. ب د ت مەلۇماتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، يەمەن نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى تەشكىل قىلىدىغان 18 مىليون كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەن.

يەمەن كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرى مۇھەممەد ئەسقەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ھۇسىيلارنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ھۇسىيلار ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغان 2014-يىلدىن بۇيان مىڭدىن ئارتۇق كىچىك بالا ۋە 684 ئايال بولۇپ، جەمئىي 11 مىڭ 251 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، پەقەت 2017-يىلى كىرگەندىن باشلاپلا ئايال ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 دىن ئارتۇق ئادەتتىكى پۇقرا، 8 مۇخبىر ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىر مۇخبىرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. ھۇسىيلار تائىز شەھىرىگە كۆمگەن مېنالار سەۋەبىدىن 20 كۈن ئىچىدە سەككىز ئايال، 14 كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي 62 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 52 ئادەم يارىلاندى» دېدى.

ب د ت يەمەندە 140 مىڭدىن كۆپ ئادەمنىڭ خولېرا كېسىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، مىڭ ئادەمنىڭ خولېرا كېسىلى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر