لوندوندىكى ئوت ئاپىتىگە دائىر يېڭى ئۇچۇرلار ئېلان قىلىندى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى 27 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە يېرىم كېچىدە باشلىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن بىناغا تۇتۇشۇپ كەتكەن ئوت ئاپىتىنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

752384
لوندوندىكى ئوت ئاپىتىگە دائىر يېڭى ئۇچۇرلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوت ئاپىتىدە كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، يوقاپ كەتكەنلەر سانىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى، يارىلانغانلار سانىنىڭ 50 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

لوندوننىڭ غەربىگە جايلاشقان لاتىمېر يولى رايونىدىكى گرېنفېل مۇنارى ناملىق بىنادا مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىگە مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن 40 ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى بىلەن 200 كىشىلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئەۋەتىلدى؛ ئوت ئاپىتى بۈگۈن ئەتىگەن شۇ جاي ۋاقتى 6 دە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنالىدى.

ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە بىنادا قانچە ئادەمنىڭ بارلىقى، بۇلارنىڭ قانچىسىدىن خەۋەر ئېلىنالمىغانلىقى ھازىرچە ئېنىقلىنالمىدى.

ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرقى شارائىتتا ئېنىق سان بېرەلمەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئوت ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان بىنانىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپى نەزەردە تۇتۇلۇپ، سوۋۇتۇش ۋە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئېھتىياتچانلىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر