پارس قولتۇقىدا دىپلوماتىك كىرىزىس پارتلىدى

سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين قاتارلىق دۆلەتلەر قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزدى.

745685
پارس قولتۇقىدا دىپلوماتىك كىرىزىس پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارس قولتۇقىدىكى ئۈچ دۆلەت بىلەن مىسىر قاتار بىلەن بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەندىن باشقا، قاتار بىلەن بولغان دېڭىز ۋە ھاۋا چېگرالىرىنىمۇ تاقىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان: «دوھانىڭ ئوچۇق ۋە ئاشكارا ھالدا قىلغان خىلاپلىق قىلمىشلىرى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوشۇرۇپ ياردەم قىلىشى، مەتبۇئات ئورگانلىرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشى، كاتىف ۋىلايىتىدىكى ئىرانغا باغلىنىدىغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللىشى، ئاشقۇنلارنى يوشۇرۇپ ساقلىشى، يەمەندىكى ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىنى قوللىشى»، دۆلەتنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن مۇشۇنداق قارار چىقىرىشقا سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرىنىڭ قاتارغا بېرىشى، قاتاردا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشى، قاتار پۇقرالىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىشى ۋە ئايرودۇرۇمدا ئايروپىلان ئالمىشىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇۋاتقان قاتار پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن 14 كۈن ئىچىدە چىقىپ كېتىشى، ھەج ۋە ئۆمرە ئۈچۈن كەلگەن قاتار پۇقرالىرىنىڭ بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئېنا (ENA) خەۋەر ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، قاتار بىلەن بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى، قاتار دىپلوماتلىرىنىڭ 48 سائەت ئىچىدە، پۇقرالىرىنىڭ 14 كۈن ئىچىدە چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پۇقرالىرىنىڭ قاتارغا بېرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ «دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيە» سەۋەبىدىن مىسىرنىڭ قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتىكى يازما باياناتتا، قاتارنىڭ «ئەل قائىدە ۋە دائېش پىكىرلىرىنى يايغانلىقى، سىنا يېرىم ئارىلىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللىغانلىقى، مىسىر ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى» سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلدى.

بەھرەين تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بەھرەين تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنتېرېنت بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتتا، بەھرەيننىڭ دوھادىكى دىپلوماتلىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى ۋە قاتار دىپلوماتلىرىغىمۇ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن 48 سائەت مۇددەت بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

قاتارنىڭ يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا ھۇسىيلارغا قارشى تەشكىللەنگەن خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمدىكى رولىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىمۇ ئېلان قىلىندى.

قاتارنىڭ رەسمىي (QNA) خەۋەر ئاگېنتلىقى 23-ماي كېچىسى قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن خاماد ئالسانىدىن نەقىل ئېلىنغان «ئامېرىكىغا قارشى ۋە ئىراننى قوللايدىغان» باياناتلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ باياناتلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا باشقا تاراتقۇلاردىمۇ كەڭ تارقىتىلغان ئىدى.

قاتار ھۆكۈمىتى ئۇچۇر-ئالاقە ئورگىنىنىڭ دىرېكتورى شەيخ بىن ئەھمەت ئالسانى بۇنىڭدىن بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، QNAئاگېنتلىقىنىڭ سىبەر ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدىمۇ، QNA نىڭ سىبەر ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى، شۇڭا ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بۇ خەۋەرلەرنى نەزەرگە ئالماسلىق تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى 25-ماي ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تاراتقۇلاردا قاتارنى نىشان قىلغان سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلىرىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ يەردە قاتارنى نىشان قىلغان بىر سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ بارلىقى ناھايىتى ئېنىق. بىز بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىمىز» دېگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگنېتلىقى SPA تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە قىسىم قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باياناتىدا، خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمنىڭ، «يەمەندە تېررورىمزمنى كۈچلەندۈرۈشى ۋە ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغان قوراللىق قىسىملارغا چېتىشلىقى سەۋەبىدىن» قاتارنى بىرلەشمە قىسىمدىن چىقىرىۋېتىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

بەھرەين، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 2014-يىلىمۇ قاتارنى ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەن ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر