ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنى يەنە ئىمبارگو قويۇش بىلەن ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو خىزمەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى تۈپەيلى يەنە ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى.

744437
ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنى يەنە ئىمبارگو قويۇش بىلەن ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شىمالىي كورېيەنى قوشۇمچە ئېمبارگولارنى قويۇش بىلەن ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى سەۋەبىدىن 10 ئورۇن بىلەن 4 شەخسكە ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئېمبارگو قارارىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ قىرغۇچى قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىشى سەۋەبىدىن قوشۇمچە ئىمبارگو قويۇش قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكىنىڭ قارار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 4 كىشى ئىچىدە رۇسىيە پۇقراسى ئىگور ئالېكساندروۋىچ مىچۇرىن ۋە كونگو جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى فىرانكويىس ئولېنگانىڭمۇ بولۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

 سۇ كىۋاڭ كىم ۋە سوڭ-خىيوك رى ئىسىملىك قالغان ئىككى كىشىنىڭ شىمالىي كورېيە پۇقراسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بۇ كىشىلەرنىڭ پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، شىمالىي كورېيە ئارمىيەسى، قوراللىق قىسىملار مىنىستىرلىقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلارغىمۇ ئىمبارگو قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر