ئەسەد قىسىملىرى تۈركمەنتېغىغا ھۇجۇم قوزغىدى
سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى تۈنۈگۈن تۈركمەنتېغىغا ھۇجۇم قوزغىدى.
740940
![ئەسەد قىسىملىرى تۈركمەنتېغىغا ھۇجۇم قوزغىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/4667/86b9/f801/592ba6968fb76.jpg?time=1719083177)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى تۈنۈگۈن لازىقىيەدىكى تۈركمەنتېغىغا توپ ئوقلىرى ئاتتى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەسەد قىسىملىرى تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردىن باشلاپ ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى يېزىلارغا توپ ئوقلىرى ئاتقان.
ئۆكتىچىلەر سارراف، كەلەز ۋە ساللۇر قاتارلىق يېزىلار بىلەن تۇففاھىيە تۆپىلىكىگە ھۇجۇم قوزغىغان ئەسەد قىسىملىرىغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى.
توقۇنۇشتا ئۆكتىچىلەر ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە بىر ھەربىي ئاپتوموبىلنى بىتچىت قىلدى.
رايوندىكى توقۇنۇش ئاۋازلىرى سۈرىيە چېگراسىدىكى يايلاداغى ناھىيەسىدىنمۇ ئاڭلانماقتا.