پەلەستىنلىك مەھبۇسلار ئاچلىق ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى ئاخىرى توختاتتى

ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى 1500 دىن كۆپرەك پەلەستىنلىك مەھبۇس 40 كۈن ئۈلۈكسىز ئاچلىق ئېلان قىلىغاندىن كېيىن ئاخىرى ئىسرائىلىيە بىلەن كېلشىم ھاسىل قىلدى.

740476
پەلەستىنلىك مەھبۇسلار ئاچلىق ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى ئاخىرى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 40 كۈندىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان پەلەستىنلىك مەھبۇسلار ئاخىرى ئاچلىق ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى ۋاقىتلىق توختاتتى.

پەلەستىنلىك مەھبۇسلار جەمئىيىتى باشلىقى قاددۇرا فارىس، «ئاچلىق ئېلان قىلغان مەھبۇسلار بىلەن ئىسرائىلىيە تۈرمىلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى، شۇڭا ئاچلىق ئېلان قىلىشنى ۋاقىتلىق توختاتتى» دېدى.

ئىسرائىلىيە تۈرمىلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە بىنائەن مەھبۇسلارنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشنى توختاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھەر ئىككى تەرەپ ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى 1500 دىن كۆپرەك پەلەستىنلىك مەھبۇس ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز خالىغانچە بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇشلىرىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە خاتىمە بېرىشىنى شۇنداقلا مەھبۇسلارنى تۇتۇپ تۇرۇش شارائىتلىرىنىڭ  ياخشىلاپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ 17 – ئاپرىلدا ئاچلىق ئېلان قىلىش نارازىلىق پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر