«سۈرىيە كىرىزىسىنى ئىختىلاپ تۇغدۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ»

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سۈرىيە كىرىزىسىنى ئىختىلاپ تۇغدۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

737774
«سۈرىيە كىرىزىسىنى ئىختىلاپ تۇغدۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاۋروۋ موسكۋادا كىرودىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋور ئىۋو ستېر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ، «ئىران ھۆكۈمىتى يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورىزمغا قوماندانلىق قىلماقتا، رايوندا ۋەيرانچىلىق ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلماقتا» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرىگە جاۋاب بەردى ھەمدە ئىراننى سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش نىشان قىلىنغان خەلقئارالىق باسقۇچنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىنى پەقەت مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشى نەتىجىسىدىلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايمىز، دەرۋەقە، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش باسقۇچىغا ساھەدىكى ۋەزىيەتنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە كونترول قىلالايدىغان تاشقى ئاكتىيورلارنىڭمۇ قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ، جۈملىدىن بۇ باسقۇچقا ئىرانمۇ قاتنىشىشى كېرەك.»

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادىكى سۈرىيە مۇزاكىرىلىرى باسقۇچىنىڭ، كەڭ دائىرىلىك پىرىنسىپقا ئاساسەن، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە دىيالوگ ئورنىتىش پىلانى دائىرىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن لاۋروۋ، بۇ باسقۇچتا ھاسىل قىلىنغان توقۇنۇشماسلىق رايونلىرى شەكىللەندۈرۈش كېلىشىمىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ماقۇللىنىشىنىڭ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر