داۋالغۇش ئىچىدىكى ياۋروپا

ياۋروپادا ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سايلاملار ۋە بەزى دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت قۇرۇلالماسلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ياۋروپا ئىتىتپاقى ۋەزىيىتىنى تۇراقسىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

735035
داۋالغۇش ئىچىدىكى ياۋروپا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپادا ھەم ئالدىن پىلانلانغان ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملار، بەزى دۆلەتلەردە سايلام ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلالماسلىقى ۋە بالقان رايونى دۆلەتلىرىدە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى قاتارلىقلار، 2017-يىلنىڭ ياۋروپا سىياسىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، قىيىن ئۆتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەچىكىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان سايلام نەتىجىسى چىقىدىغان ئەنگلىيە بىلەن ئاۋستىرىيەدە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش قارارى ئېلىنغان بولسا، گوللاندىيەدە سايلام ئۆتكۈزۈپ ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ ھۆكۈمەت قۇرۇلالمىدى.

فىرانسىيەدە بولسا، يېڭى پىرېزىدېنت ماكروننى كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمى كۈتمەكتە.

گېرمانىيەدە 2017-يىلى سېنتەبىردە سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل بۇنىڭدىن خاتىرجەم كۆرۈنۈۋاتىدۇ.

بالقان رايونىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت جىددىيچىلىكى جاي-جايلاردا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئايلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى.

كىرودىيە، ماكېدونىيە ۋە ئالبانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سايلامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشىمىغان يوللارنى تاللاش ئۈستىدە مۇنازىرە قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر