مۇسۇل ئازاد قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا
ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
733428
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مۇسۇلدا تامامەن قورشاۋ ئاستىدا قالغان بولۇپ، مەغلۇب بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن.
ئىراق ئارمىيەسى باياناتچىسى گېنېرال يەھيا رەسۇلنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسۇلدا دائېشنىڭ قولىدىكى رايون 12 كۇۋادرات كىلومېتىرغا چۈشكەن.