« خەلقىگە بېسىم قىلىپ قەتل قىلىۋاتقان رەزىل ھاكىمىيەتنى بىلىپ قويۇڭلار»

ۋېنېزۇئېلا مىقىياسىدا بۇ يىل ئاپرېلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 42گە يەتتى.

733233
« خەلقىگە بېسىم قىلىپ قەتل قىلىۋاتقان رەزىل ھاكىمىيەتنى بىلىپ قويۇڭلار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نامايىشلاردا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشلاردا ئىككى كىشى ئۆلدى.

كولۇمبىيە چېگراسىغا جايلاشقان تاچىرا ۋىلايىتىدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا لۇيىس ئالۋىيرېز ۋە  دىياگو چېرناندېز ئىسىملىك ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋېنېزۇئېلا مىقىياسىدا بۇ يىل ئاپرېلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 42گە يەتكەن.

پايتەخت كاراكاس بولۇپ نۇرغۇن شەھەر بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان نارازىلىق نامايىشلىرىغا سەھنە بولماقتا.

ساقچىلار بەزى شەھەرلەردە جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشتا قىيىنلىپ قالغانلىقتىن، نامايىشچىلارنى تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇپ 2000دىن ئارتۇق نامايىشچىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.  

مەملىكەت مىقىياسىدىكى بەزى غوللۇق تاشيوللار نامايىشچىلار تەرىپىدىن قاتناشقا توسۇۋېتىلدى.  نامايىشچىلار قاتناشقا توسۇۋەتكەن بۇ يوللارنى دالا تامىقى يەيدىغان يەرلەرگە ئايلاندۇرۇۋەتتى.

ئۆكتىچى رەھبەر مارىيا كارىنا ماچادو: «پۈتكۈل دۇنيادىن ۋېنېزۇئېلادا بولۇپ ئۆتكەن بۇ ۋەقەلەرگە شاھىت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، خەلقىگە بېسىم قىلىپ قەتل قىلىۋاتقان رەزىل ھاكىمىيەتنى بىلىپ قويۇڭلار»دېدى.

ۋېنېزۇئېلادا ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەسلىك، پۇل پاخاللىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە كۈنسايىن ئېشىۋاتقان جىنايىى قىلمىشلار تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي پاراكەنچىدىلىكلەر پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تىزگىنلىنىۋالغان ئاساسىي قانۇن مەھكىسىنىڭ بۇ يىل 31-مارتتا پارلامېنتنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىشى نەتىجىسىدە نارازىلىق  نامايىشلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ بۇ  قارارىنى ۋېنېزۇئېلانى مۇستەبىتلىككە ئېلىپ بېرىش يولىدا تاشلانغان قەدەم دەپ تەرىپلىگەن نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىپا بېرىشنى ۋە بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى باشلىۋەتتى.

پىرېزىدېنت مادۇرو ئاساسىي قانۇننىڭ قارارىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئۈزۈلمەي داۋملاشقان نامايىشلارغا قارىتا، 1 –مايدا ئاساسىي قانۇننى قايتىدىن يېزىپ چىقىدىغان مەجلىس تەشكىل قىلىش ئۈچۈن يوليۇرۇق چۈشۈردى، مادۇرونىڭ بۇ يوليۇرۇقى نامايىشلارنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر