ئامېرىكا پۇقرالىرىنى شىمالىي كورېيە توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پۇقرالىرىنى شىمالىي كورېيەگە ساياھەتكە بارماسلىق توغرىسىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.

729473
ئامېرىكا پۇقرالىرىنى شىمالىي كورېيە توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىمالىي كورېيەگە ساياھەتكە بارماسلىق توغرىسىدىكى يازما ئاگاھلاندۇرۇشىدا، «شىمالىي كورېيەدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرى دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا ئاساسەن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش ۋە ئۇزۇن مۇددەت قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشتەك ئېغىر خەۋپ ئاستىدا تۇرماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

شىمالىي كورېيەدە «ئۇرۇش قانۇنى» باھانە قىلىنىپ، ئامېرىكىدا جىنايەت ھېسابلانمايدىغان كۆپلىگەن سەۋەبلەر يۈزىسىدىن ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارشى ئېغىر قارارلارنىڭ چىقىرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەرگە بارغۇچىلارغا كونسۇلخانا مۇلازىمىتى قىلىنالمايدىغانلىقى ۋە ياردەم بېرىلەلمەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئاگاھلاندۇرۇشتا يەنە، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە 16 ئامېرىكا پۇقراسى شىمالىي كورېيەدە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھالدا، ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي شىمالىي كورېيەگە بېرىشنى خالايدىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىدا ھېچقانداق بىر مەخپىيەتلىك بولماسلىقى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا كىم خاك-سوڭ ئىسىملىك بىر ئامېرىكا پۇقراسى شىمالىي كورېيەدە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر