شىمالىي كورېيە: ئامېرىكىنى كۈلگە ئايلاندۇرۇشقا تەييارمىز

شىمالىي كورېيە 6 – يادرو سېناق ئۈچۈن تەييار ھالەتتە تۇرماقتا.

729421
شىمالىي كورېيە: ئامېرىكىنى كۈلگە ئايلاندۇرۇشقا تەييارمىز

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چو شىمالىي كورېيەنىڭ 6 – يادرو سىناقنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا بىزگە بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇم قىلالمايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا بىز تەرەپكە بىر سانتىمېتىر ئىلگىرىلەيدىغان بولسا، ئامېرىكىنىڭ بىز يېتىپ بارالايدىغان بارلىق ئىستراتېگىيەلىك مەۋجۇتلۇقىنى كۈلگە ئايلاندرۇۋېتىشكە  تەييارمىز» دېدى.

شىمالىي كورېيە ئامېرىكىغا يەنە بىر قېتىم تەھدىت سالدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چو 6  - يادرو سىناق ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «سىناق، ئۇلۇغ رەھبىرىمىز كىم جوڭ ئۇن قارار قىلغان جاي ۋە ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېدى.

شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قولغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرىمۇ ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ، «ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسىنى بىر زەربىدە سۇغا غەرىق قىلىمىز»، «ئامېرىكىنى يەر يۈزىدىن سۈپۈرۈپ تاشلايمىز» دېگەندەك باياناتلارنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭمۇ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇنغا قاراتقان ھالدا «ئۇ تاتلىق پىرانىكقا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىپتىخارلىنىمەن» دېگەن باياناتلىرى نارازىلىققا ئۇچرىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر