شىمالىي كورېيە خىتايغا ئۇچۇق تەھدىت سالدى

شىمالىي كورېيەنىڭ ئۇچۇق باياناتىدا، «خىتاي ئەمدىلىكتە شىمالىي كورېيەنىڭ سەۋرىنى سىناپ بېقىشقا ئۇرۇنماسلىقى لازىم. شىمالىي كورېيە خىتايغا دوستلۇق ئۈچۈن قەتئىي يالۋۇرۇپ يۈرمەيدۇ. خىتاي بىزنىڭ قىزىل سىزىقلىرىمىزدىن ھالقىپ كېتىپ بولدى» دېيىلدى.

726700
شىمالىي كورېيە خىتايغا ئۇچۇق تەھدىت سالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىلىرى ھەققىدە خىتاي ئېلان قىلغان باياناتلارنىڭ جىددىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە خىتايغا ئوچۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «KCNA» دا كىم چول تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ماقالىدا، خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىچىلىكنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئورۇنسىز، پەرۋاسىز باياناتلارنى ئېلان قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

ماقالىدا خىتاي دۆلەت مېدىيارىلىرىغا قاراتقان ھالدا، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن تۇترۇقسىز باھانىلەرنى پەيدا قىلىپ يۈرىۋاتقانلىقى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇزۇلىشىغا قارىتا شىمالىي كورېيەنى جاۋاپكار قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ماقالىدا خىتاينىڭ پەرۋاسىزلارچە ئېلان قىلغان باياناتلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرگە سالغان زىيانلىرى سەۋەبىدىن مەيدانغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئاقىۋەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنىشى لازىملىقى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلىنىپ، «خىتاي ئەمدىلىكتە شىمالىي كورېيەنىڭ سەۋرىنى سىناپ بېقىشقا ئۇرۇنماسلىقى لازىم. شىمالىي كورېيە خىتايغا دوستلۇق ئۈچۈن قەتئىي يالۋۇرۇپ يۈرمەيدۇ. خىتاي تېخىمۇ قاتتىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئېلىش ئارقىلىق بىزنىڭ قىزىل سىزىقلىرىمىزدىن ھالقىپ كېتىپ بولدى» دېيىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ شىمالىي كورېيە ئىسمىنى تىلغا ئالماستىن «قوشنا بىر دۆلەت» دېيىش ئارقىلىق خىتاينى كىنايىلىك شەكىلدە تەنقىد قىلغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گىڭ شۇاڭ تۈنۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەدىكى ۋەكالەتخانىلىرى ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرىنى چىقىپ كېتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى رەت قىلغان ھەمدە خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ نۇرمال كېتىۋاتقانلىقىنى، پۇقرالانىڭمۇ ھەر كۈنى شىمالىي كورېيە بىلەن بېرىش كېلىش قىلىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

خىتاي شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېمبارگو قارارلىرىغا بىنائەن شىمالىي كورېيەدىن كۆمۈر ئېمپورت قىلىشنى توختاتقان ۋە شىمالىي كورېيەنى يادرو پىروگراملىرىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر