ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋان دېر بېللېن دۆلەتلىك تېلۋىزىيە قانىلىدا مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

720899
ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋان دېر بېللېن مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋان دېر بېللېن ئاۋسترىيەدە تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولغان ياغلىق ئارتىش مەسىلىسى توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خانىم-قىزلار قانداق كىيىنىشنى خالسا شۇنداق كىيىنىش ئۇلارنىڭ تەبىئىي ھوقۇقىدۇر. مۇسۇلمان خانىم-قىزلارلار ئەمەس بارلىق خانىم-قىزلار خالىسا ياغلىق ئارتسا بولىدۇ،دۆلىتىمىزدە ئەگەر ۋەزىيەت مۇشۇ پېتى داۋملاشسا  ۋە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىسى كەڭ يېيىلىپ كەتكەن تەقدىردە كۈنلەرنىڭ بىرىدە دىنى سەۋەبلەر تۈپەيلى ياغلىق ئارتقانلارنى قوللاش ئۈچۈن بارلىق ئاياللاردىن ياغلىق ئارتىشنى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز.»

ئاۋسترىيە دۆلەتلىك تېلۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن پىرېزىدېنت ۋان دېر بېللېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنىڭ 100-كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلىنىپ 5-مايدا تارقىتىلىشى پىلانلانغان پىروگراممىدىن ئىلگىرى مەزكۇر پىروگراممىنىڭ بىر بۆلۈمى تاراتقۇلار بىلەن ئورتاقلىشىلدى.

ۋان دې بېللېن كېيىنكى كۈنلەردە تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولغان قوش پۇقرالىق مەسىلىسىگىمۇ ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى، قوش پۇقرالىقنىڭ ئاۋسترىيە دۆلىتىگە زىيان ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر