ئەنگلىيە رۇسىيەنى ئەسەدتىن ۋاز كېچىپ خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىمنى قوللاشقا چاقىردى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسون رۇسىيەنى ئەسەدتىن ۋاز كېچىپ خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنى قوللاشقا چاقىردى.

713563
ئەنگلىيە رۇسىيەنى ئەسەدتىن ۋاز كېچىپ خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىمنى قوللاشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسون رۇسىيەنى «سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشكە ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارغا قاتنىشىشقا»چاقىردى.

يەكشەنبە تېلېگراف گېزىتىگە (Sunday Telegraph) ماقالە يازغان جونسون ماقالىسىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «رۇسىيە سۈرىيەدىكى ئىستىراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلغان ۋە  غەربنىڭ سۈرىيەنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلگەن ئاساستا خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىغا قاتنىشىشنى مۇمكىن. بۇنىڭ بەدىلىگە رۇسىيە ھەققىي مەنىدە ئۇرۇش توختىتىشنى بەرپا قىلىشقا، خىمىيىۋى قوراللار بىلەن ۋارىل بومبىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە خاتىمە بېرىشكە، سۈرىيەلىكلەرنى ئەسەدنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىدىغان سىياسىي چارە تېپىپ چىقىشقا ۋەدە بېرىشى كېرەك.»

سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىسىنىڭ رۇسىيەگە نىسبەتەن تېپېلغۇسىز پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن جونسون، موسكوۋا ئۈچۈن ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىشىم تۈزىدىغان پەيتنىڭ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۆتكەن ھەپتە ئىتالىيەنىڭ لۇككا شەھىرىدە چاقىرىلغان گ-7 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن كېيىن ئىتالىيەدىكى Rainews 24 تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جونسون مۇنداق دېگەنىدى: «گ-7 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا موسكۋانىڭ خەلقىنى زەھەرلەپ رۇسىيەنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرگەن ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ  قانلىق ھاكىمىيىتىنى داۋاملىق قوللاش بىلەن، سۈرىيەنى ئەسەدنىڭ دېكتاتورلۇقىدىن قۇتقۇزۇپ ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان جاراھەتلەرنى ساقايتىدىغان پارلاق ئىستىقبال يارىتىشتىن ئىبارەت ئىككى يولدىن بىرىنى تاللاش پىكىرى ھاسىل بولدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر