ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئايال سوتچىنىڭ ئۆلۈكى دەريا بويىدىن تېپىلدى

ئامېرىكىلىق تۇنجى قارا تەنلىك مۇسۇلمان ئايال سوتچى شېيلا ئابدۇسسالامنىڭ ئۆلۈكى نىيۇ يورك بىلەن نىيۇ جېرسى ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھۇدسېن دەرياسى بويىدىن تېپىلدى.

711779
ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئايال سوتچىنىڭ ئۆلۈكى دەريا بويىدىن تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يورك ساقچىلار تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەريادىن چىقىرىلغان جەسەت نىيۇ يورك ئالىي سوت مەھكىمىسى سودىيەسى 65 ياشلىق  شېيلا ئابدۇسسالامغا ئائىت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى جەسەت تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىكەن.

1991 – يىلى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن شېيلا ئابدۇسسالام «ئامېرىكىلىق تۇنجى مۇسۇلمان ئايال سوتچى» دەپ ئاتالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر