ترامپ: بىز خىتاي بولمىسىمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋېرىمىز

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىسىغا قارشى تەدبىر ئېلىشتا ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

711162
ترامپ: بىز خىتاي بولمىسىمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ «Fox Business» قانىلىدا تارقىتىلىدىغان «Mornings with Maria» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىلىرىغا قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر توغرىسىدا توختالدى. ئۇ رايونغا ناھايىتى قۇدرەتلىك بىر ھەربىي فلوت ئەۋەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، كۈچلۈك سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «بۇلار رايوندا شىمالىي كورېيەگە قارشى ئېلىنغان مۇھىم تەدبىر بولىدۇ ۋە رايوندىكى ئىتتىپاقداشلارنى قوغدايدۇ» دېدى.

ئۇ شىمالىي كورېيەگە قارشى يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«سابىق پىرېزىدېنت ئوباما ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ناھايىتى بۇرۇن ئاشكارىلىغان، شۇڭا ھەممە تەرەپ بۇنىڭغا قارشى تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈۋالغان، مەن بولسام ئۇنداق قىلمايمەن.»

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تۈنۈگۈن (11-ئاپرېل) مۇ تۋىتتېردا: «شىمالىي كورېيە ئۆزىنىڭ بېشىغا بالا ئىزدەۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان بولسا، كارامەت ئىش بولىدۇ. ئەگەر ياردەم قىلمىسا، بىز ئۇلار بولمىسىمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋېرىمىز» دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتقان ئىدى.

پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتى خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي ئامېرىكىغا تەھدىت سالماقتا.

شىمالىي كورېيە ئامېرىكىغا يادرو جاۋاب بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئۇرۇنسا، ئۇلارنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر