ئاقساراي: ئەسەد ھاكىمىيىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ %20 ى يوقىتىپ تاشلاندى

ئاقساراي باياناتچىسى سېئان سپىسېر، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە يېڭى ھۇجۇملارنى قوزغاش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

709979
ئاقساراي: ئەسەد ھاكىمىيىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ %20 ى يوقىتىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى سپىسېر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «ئەگەر بوۋاقلارغا خىمىيەلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلسىڭىز، بىگۇناھ كىشىلەرگە ۋارىل بومبىسى ئىشلەتسىڭىز، پىرېزىدېنت (دونالد ترامپ) تىن بۇنىڭ جاۋابىنى ئالىسىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئىشى دائېشتۇر. بىراق، ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاستىدا مۇقىم ۋە بىخەتەر بىر سۈرىيەنى تەسەۋۋۇر قىلالمايۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس بولسا، 6 – ئاپرېلدا شەيرات ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئارقىلىق ئەسەد ھاكىمىيىتى ئايروپىلانلىرىنى %20 ىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جېيمس ماتتىس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ كېلەچەكتىكى خىمىيەلىك ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەسەد خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا يوقىتىپ تاشلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىپ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرسە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، بۇ قەدەمنى تاشلاش يوليورۇقىنى چۈشۈرگەنلىكى» نى قەيت قىلدى.

جېيمس ماتتىس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ شەيرات ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى توماخاۋك بومبىلىرى بىلەن بومباردىمان قىلىشىنىڭ ئىدلىبنىڭ خان شەيخۇن رايونىدا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلىشىگە قارشى تاشلانغان مۇۋاپىق قەدەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ باياناتىدا، «شەيرات ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئارقا سەپ ۋە قوراللاندۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقاتتى، ھازىرقى ئەھۋالدا (ئۇلارنىڭ) قوزغىلىش لىنىيەلىرىدىن پايدىنالىشىنىڭ ھەربىي جەھەتتە ئۇنچىۋالا ئەھمىيىتى يوق» دەپ كۆرسەتتى.

ماتتىس، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ئىككىنچىلەپ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشىنىڭ ئەقىلسىزلىك قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر