«قاتىل ئەسەد قىلمىشلىرىنىڭ تېگىشلىك جاۋابىنى ئالدى»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ شۇئەيرات ھاۋا ئارمىيەسى ھەربىي بازىسىغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى توغرۇلۇق توختالغاندا، «قاتىل بەششار ئەسەد تۇنجى قېتىم ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرىنىڭ تېگىشلىك جاۋابىنى ئالدى» دېدى.

708496
«قاتىل ئەسەد قىلمىشلىرىنىڭ تېگىشلىك جاۋابىنى ئالدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئادانا سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن بىر مېھمانسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن، «50 – يىل شەرەپ كېچىلىكى» دە، كارخانىچىلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭ چوقۇم داۋاملىشىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى 1 مىليونغا يېقىن ئىنساننى ئۆلتۈرگەن بۇ قاتىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك، بولمىسا سۈرىيە خەلقىگە ئۇۋال بولىدۇ. بىز ئۇزۇندىن بۇيان سۈرىيە خەلقىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن سىياسىي ھاكىمىيىتىنى تىكلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز، دەرۋەقە، ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشمۇ دەل مۇشۇ. نۆۋەتتە بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بۇ ھەقتە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، بىزمۇ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىمىز ھەمدە زىممىمىزگە يۈكلەنگەن بۇرچىمىزنى قىلچە ئايانماستىن ئادا قىلىمىز.»

سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە 25 مىليارد دوللار چىقىم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىيۇل ئېيىدا <3 مىليارد ياۋرو بېرىمىز> دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى، تولىمۇ ئەپسۇسكى،  ۋەدىسىدە تۇرمىدى، پەقەت 725 مىليون دوللار بەردى، ھەتتا كېيىنچە يەنە 3 مىليارد ياۋرو بېرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەنىدى، بۇمۇ قۇرۇق ۋەدە پېتى قالدى، چۈنكى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ھېچبىرى دۇرۇس ئەمەس، دەرۋەقە، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسى باشقا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر