رۇسىيە ماتەمدە

ساينت پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە يۈز بەرگەن مېترو ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيە ماتەمدە.

705282
رۇسىيە ماتەمدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن مېترو بېكىتى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم ساھەسىنى زىيارەت قىلىپ، گۈلچەمبىرەك قويدى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نەق مەيداندىن تېپىلغان دەلىل – ئىسپاتلاردىن قاراپ ھۇجۇمنى ئادەم بومبا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان دەپ قاراشقا بولىدىكەن، ئەمما بۇ ھەقتە DNA نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئېنىق بىر نەرسە دېيىشكە بولىدىكەن.

ساينت پېتېرسبۇرگ شەھىرى بولسا ھۇجۇمدىن كېيىن ماتەمگە چۆمدى. رۇسىيەدىكى مېترو بېكەتلىرىدە ۋە ئايرودۇرۇملاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر