ئەنگلىيە شاھزادىسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا سۇيىقەست قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئەنگلىيە شاھزادىسى ۋىليامنىڭ ھەر دائىم ئولتۇرىدىغان جىددىي قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانى، يېرىم سېكۇنتلۇق پەرق بىلەن بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالدى.

699925
ئەنگلىيە شاھزادىسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا سۇيىقەست قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «Daily Mail» گېزىتى، شاھزادە ۋىليامنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ يېقىندا بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ئۆلۈم بىلەن تۈگەللىنىشكە تاسلا قالغان بىر قازانىڭ گىرۋىكىدىن قايتقانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر رەسمىي مەنبەنىڭ بىلدۈرىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا يەردىن 600 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتقان تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى قارىمۇقارشى ھالەتكە كەلگەن، بۇ ئەھۋالنى پەرق ئەتكەن ئۇچقۇچىنىڭ چاققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى سايىسىدا قازادىن قۇتۇلۇپ قالغان.

گەرچە ۋەقە يۈز بەرگەندە ۋىليام تىك ئۇچار ئايروپىلاندا بولمىسىمۇ، بۇ ئىشنىڭ شاھزادىگە سۇيىقەست قىلىش تەشەببۇسى بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ساقچىلار، ۋەقەگە سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى، دەپ باھا بېرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى. مۇتەخەسسىسلەرمۇ، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلاننى چۈشۈرۈۋېتەلەيدىغان كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، قازا يۈز بەرگەن بولسا، تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى پۈتكۈل خادىملارنىڭ ئۆلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ 20سم چوڭلۇقتا بولۇشىنىڭ ئۇنى ھاۋا قاتنىشىنى كونترول قىلىش رادارىنىڭ دىققىتىدىن ساقىت بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

شاھزادە ۋىليامنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندە تىك ئۇچار ئايروپىلاندا بولماسلىقىنىڭ بىر تاسادىپىيلىق ئىكەنلىكى، ۋەقە يۈز بېرىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئايروپىلاننى قايتىدىن ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر