لوندون تېررورلۇق ھۇجۇمىنى بىرلا زوراۋاننىڭ سادىر قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى
پايتەخت لوندوندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ سادىر قىلغۇچىنىڭ ۋەقەنى ئۆز ئالدىغا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
699266
![لوندون تېررورلۇق ھۇجۇمىنى بىرلا زوراۋاننىڭ سادىر قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/8436/371f/aa5c/58d774de7c050.jpg?time=1719099650)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئادرىيان رۇسسېل ئاجاۋنىڭ ھۇجۇمنى ئۆزى يالغۇز سادىر قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئەنگلىيە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش ئىدارىسى كوردىناتورى نېيىل باسۇ، زوراۋاننىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
باسۇ يەنە بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلاش ھەققىدە ئىستىخباراتنىڭ يوقلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.
لوندون ساقچىلىرى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پەقەت 82 سېكۇنت ئىچىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
چارشەنبە كۈنى مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا زوراۋان بولۇپ جەمئىي 5 كىشى ئۆلگەنىدى.