ئامېرىكىدا 68 دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن دائېشقا قارشى كۈرەش يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 68 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان «دائېشقا قارشى كۈرەش دۇنياۋى بىرلەشمىسى يىغىنى» ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە چاقىرىلدى.

697704
ئامېرىكىدا 68 دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن دائېشقا قارشى كۈرەش يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھازىرغىچە چاقىرىلغان ئەڭ كەڭ دائىرىلىك دائېشقا قارشى كۈرەش يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىشتىراك قىلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، تۈركىيەنىڭ فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ۋە دائېشقا قارشى كۈرەشتىكى تىرىشچانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، «تۈركىيە، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق سۇرىيە چېگراسىدىكى دائېش خەۋپىنى يىراقلاشتۇردى، نۆۋەتتە پۈتكۈل چېگراسى دائېشتىن خالىي ھالەتتە تۇرماقتا ۋە ئىزچىل مۇشۇ ھالەتتە قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

تىللېرسون، كۆچمەنلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتالىشى ئۈچۈن مۇۋەققەت بىخەتەر رايونلارنى تەسىس قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى. ئۇ، مەزكۇر رايونلارنىڭ قەيەرلەردە تەسىس قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

يىغىن دائىرىسىدە ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيەنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش بويىچە قىلغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، دائېشقا قارشى كۈرەش قىلغاندا باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، بۇنداق ئىشلارنىڭ رايوننى تېخىمۇ مۇقىمسىزلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە پۈتكۈل خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش جەريانىدا رايوننىڭ دىنامىكلىرىغا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.

دائېشنىڭ يۇقىتىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئەھۋاللارنى ناھايىتى ياخشى مۆلچەرلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، رايوندا يېڭى مەسىلىلەرنىڭ باش كۆتۈرمەسلىكى ئۈچۈن، خەلقئارا بىرلەشمىنى قارارلىرىنى تېخىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن چىقىرىشقا چاقىردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، يىغىندىن كېيىن تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ھەر خىل ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نيو يورك ۋە نيو جېرسىي رايونلىرىغا باردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر