دائېشنى يوقىتىش ئۈچۈن 68 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ۋاشىنگتوندا توپلىنىدۇ

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چارشەنبە (22-مارت) ئۆتكۈزۈلىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش يىغىنى ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە تەييارلىق قىلدى.

695665
دائېشنى يوقىتىش ئۈچۈن 68 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ۋاشىنگتوندا توپلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 68 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا تېررورلۇقنى مەغلۇپ قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. مەزكۇر يىغىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئىستراتېگىيەسىنى پۈتكۈل دۇنياغا چۈشەندۈرۈشى ئۈچۈن پۇرسەت دەپ قارالماقتا.

يىغىنغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتنىشىدۇ. يىغىن 23-مارت (پەيشەنبە) ئاخىرلىشىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا رەھبەرلىرىگە ۋە دۇنياغا تۈركىيەنىڭ سەزگۈر مەسىلىلىرى (قىزىل سىزىق) نى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ بېرىدىغان سىگناللىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسونغا قارىتىلغان بولىدۇ.

ئامېرىكا كونگرەسى تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئىستراتېگىيەلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزگىرىدۇ دەيدىغان قاراش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئىستراتېگىيەلەرنى بەلگىلەۋاتقانلىقى نەزەردە تۇتۇلغاندا، ئۆزگىرىدىغانلىقىنىڭ ئىنتايىن تەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ سەزگۈر مەسىلىلىرىنى دىققەتكە ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت قانىتىدىن بەكرەك، ئۇرۇش مەيدانىدىكىلەر مەسىلىگە ئوخشاش نۇقتىدىن قارىشى كېرەك.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ بىر كۈن بۇرۇن قاتنىشىدىغان لېكسىيە يىغىنىغا، دۇنيا مەتبۇئاتلىرى دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مەركىزىي ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «تۈرك مىراس ۋەخپى» نىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، تۈركىيەنىڭ سەزگۈر مەسىلىلىرىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر