لىۋاندا چىرىكلىك ۋە يېڭى باج تۈزۈمىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

لىۋاننىڭ پايتەختى بەيرۇتتا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان چىرىكلىك ۋە يېڭى باج تۈزۈمىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكتە.

694662
لىۋاندا چىرىكلىك ۋە يېڭى باج تۈزۈمىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاننىڭ پايتەختى بەيرۇتتا چىرىكلىككە ۋە ھۆكۈمەت يولغا قويماقچى بولغان يېڭى باج تۈزۈملىرىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار تۆتىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.

تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ يەرلىك مۇزىكىلار ھەمراھلىقىدا رىياد ئەل-سۇلھ مەيدانىغا يىغىلىپ «چىرىكلىككە  ۋە باجلارغا قارشىمىز»، «ئى سىياسەتچىلەر! ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار»دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىكلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، «كوچىلارغا چىقىڭلار، ھەققىڭلارنى ئىزدەڭلار، مىنىستىرلار بۇ باجلارنى تاپشۇرمايمىز»دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلاشتى.

نامايىش ئەسناسىدا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.

ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ئاۋاز بومبىسى ئىشلەتتى.

لىۋان ھۆكۈمىتى %10لىك قوشۇمچە قىممەت بېجىنى %11گە چىقىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.

ھۆكۈمەت يېڭى باج تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق يىلدا 200 مىليون دوللار كىرىم قىلىشنى كۆزلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر