دائېشقا قارشى كۈرەش يىغىنى چاقىرىلىدۇ

ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىشقا تەييارلانماقتا.

688997
دائېشقا قارشى كۈرەش يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھەمراھلىرى ئىشتىراك قىلىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش يىغىنى 68 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا  22 – 23 – مارت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسېننىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلىدىغان يىغىنغا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتنىشىدۇ.

يىغىندا ھەربىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن سىرت يەنە، ئازاد قىلىنغان رايونلارنىڭ كونتروللۇقى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ چىقىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنى 2016 – يىلى ئىيۇلدا ۋاشىنگتوندا، سىياسىي دىرېكتورلار سەۋىيەسىدىكى يىغىن بولسا 17 – نويابىر بېرلىندە چاقىرىلغانىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى، ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ «رۇسىيەنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ قاتناشمايدىغانلىقى» توغرۇلۇق سورىغان سوئالىغا، «بۇ يىغىنغا رۇسىيە قاتناشمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال جوزېف ۋوتېل ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىغا توپچى قىسىملار بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلاشقانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شىمالىغا 400 گە يېقىن  دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر