مېكسىكا ترامپنىڭ يېڭى قارارىنى ئەيىبلىدى

ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ئەمەلدار مېكسىكىدا زىيارەتتە بولماقتا.

678609
مېكسىكا ترامپنىڭ يېڭى قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى قانۇنىي ماتېرىيالى يوق پۈتكۈل كۆچمەنلەرنى – قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر – مېكسىكىغا چىقىرىۋېتىشنى مەزمۇن قىلغان بىر پارچە يوليورۇق ئېلان قىلغانىدى.

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇئىس ۋىدېگاراي، دۆلىتىنىڭ «بۇنداق بىر تېڭىش» نى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن لۇئىس يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى مېكسىكا پۇقرالىرىغا يۈرگۈزىدىغان سىياسەتلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، «مېكسىكا ھۆكۈمىتى، پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلدە دۇچار بولغان ئىشلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىش ئۈچۈن، ب د ت  قاتارلىق پۈتكۈل خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشتىن يالتايمايدۇ» دېدى.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ئەمەلدار مېكسىكىدا زىيارەتتە بولماقتا؛ ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىر جون كېللي، يېڭى بەلگىلىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن مېكسىكىلىق ئەمەلدارلارنى قايىل قىلىشقا تىرىشىدىكەن.

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇئىس، تىللېرسون بىلەن كېللينىڭ بۈگۈن مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئېنرىكۇ پېنا بىلەن ھەر خىل مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەتلىشىدىغانلقىنى، ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى قاراردىن كېيىن يېڭى سىياسەتنىڭ ئۇچرىشىشنىڭ نۇقتىلىق تېمىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر