بېلۇچىستانلىقلار لوندوندا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

بېلۇچىستان ۋە سىند خەلقى رەھبەرلىرى خىتاي – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى لايىھەسى تۈپەيلىدىن يەرلىكلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

678843
بېلۇچىستانلىقلار لوندوندا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ نوپۇزلۇق «zee newes» تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە داڭلىق گېزىتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق بالۇچىستان ۋە سىند ئۆلكىسى خەلقىنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى خىتاي – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى «CPEC»غا ھەمدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، 46 مىليارد دوللارلىق بۇ لايىھەنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

دۇنيا سىند قۇرۇلتىيى رەئىسى ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ چوڭ ئىقتىسادىي كارىدۇر لايىھەسىنىڭ باشقىلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاياق ئاستى قىلىشتەك قىلمىشلارغا جاۋاپكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ بىزگە نىسبەتەن ھايات - ماماتلىق مەسىلىسى، خىتاي – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى «CPEC» سەۋەبىدىن ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مىڭلىغان كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا قارىتا ھېچقانداق پىلان يوق. بۇ لايىھە پاكىستان باش مىنىستىرى تەرىپىدىن خەلقكە مەجبۇر تېڭىلغان لېكىن يەرلىك خەلقنىڭ رۇخسىتى ئېلىنماي تۇرۇپلا ئىشقا ئاشۇرۇلىۋاتقان ناھەق لايىھەدۇر» دېدى.

خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن لوندوندىكى نامايىش يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيانقى چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق بېلۇچىستان ۋە سىند خەلقى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئەڭ كۆپ قاتناشقان نامايىشلاردىن بىرىگە ئايلانغان.

نامايىشقا دۇنيا سىند قۇرۇلتىيى، سىند – بېلۇچىستان مۇنبىرى، خەلقئارا بېلۇچىستان ھەرىكىتى جەمئىيىتى، بېلۇچىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى، ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق بېلۇچىستان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، بېلۇچىستان ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشلار جەمئىيىتى، بېلۇچىستان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئاممىۋىي تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتناشتى. 

ئۇيغۇر رايونىنى بېلۇچىستاننىڭ گۇۋادىر پورتىغا تۇتاشتۇرىدىغان خىتاي – پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىغا قارشى نامايىشتا، «خىتاي – پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنى رەت قىلىمىز»، «بىزگە ھەق – ھوقۇق ۋە ئازادلىق لازىم»، «خىتاي ماركىلىق بېلۇچىستاننى قوبۇل قىلمايمىز»، «ئى خىتاي! بېالۇچىستاندىن قولۇڭنى تارت!»، «خىتاي بېلۇچىستاندىن چېقىپ كەتسۇن!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى ۋە شۇ خىل شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئاچتى.

خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» لايىھەسىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ھېسابلىنىدىغان خىتاي – پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى «CPEC» پاكىستاننىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى كەشمىر ۋە بېلۇچىستان رايونىدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا ھىندىستانمۇ بۇ لايىھەگە رەسمىي ھالدا قارشى چىقىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ دەخلى - تەرۇزگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

نامايىشچىلار بۇ لايىھەنىڭ تەبىئىي مۇھىتقا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە رايوننىڭ يەرلىك خەلقىگە ھېچ قانداق پەيدا كەلتۈرمەيدىغانلىقى تەكىتلىدى. 

بۇلىچىستاننىڭ چەت ئەللەردىكى ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى نامايىشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» لايىھەسىگە قارشى ئورتاق باياننامىلىرىنى پوچتا ئارقىلىق خىتاينىڭ لوندۇندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا يوللىدى.

ئورتاق باياننامىدا، خىتاي – پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ باشقا رايونلاردىن بېلۇچىستان ئۆلكىسىگە ئىككى يېرىم مىليون پۇقرا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ۋە ئۆلكىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى قەستلەۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

سىند ئۆلكىسى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ سىرتتىن نۇرغۇن نۇپۇس يۆتكەش ئارقىلىق سىند ئۆلكىسىنىڭ يەرلىك خەلقىنى ئازسانلىققا ئايلاندۇرماقچى بولۇشتەك سىياسىي نەيرەڭۋازلىقتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سىند ۋە بېلۇچىستان ئۆلكىلىرى ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى، بۇ لايىھەنىڭ ئەسلىدە خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي بىر ئويۇن ئۆزگەرتىشى ئىكەنلىكىنى، خىتاي – پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ ھەم ئافغانىستانغا، ھەم ھىندىستانغا ئىستىراتېگىيەلىك ئېغىر تەسىرلەرنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پاكىستاننىڭ بېلۇچىستان رايونىدىكى گۇۋادىر پورتى قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ياردىمى بىلەن باشلانغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» لايىھەسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر