ئافغانىستاندا پاكىستاننىڭ «يولسىزلىق»لىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئافغانىستاندا پاكىستاننىڭ چېگرا ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

675814
ئافغانىستاندا پاكىستاننىڭ «يولسىزلىق»لىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگاھار ۋىلايىتىگە قاراشلىق لال پۇر ناھىيەسىدە پاكىستاننىڭ چېگرا ھۇجۇملىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

پاكىستاننىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن نامايىشچىلار، لال پۇر ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

«ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىشلىشىشنى خالىمايمىز، پاكىستان ناھىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختاتسۇن»دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلاشقان نامايىشچىلار، ئافغانىستاندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئەسلىدىكى سەۋەبچىسىنىڭ پاكىستان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار جېدەلسىز ئاخىرلاشتى.

پاكسىتان ئارمىيەسى ئۈچ كۈندە يۈزلەرچە راكېتامىيوت ئوقىنى نانگاھارنىڭ لال پۇر ناھىيەسىگە ئاتتى.

پاكىستاننىڭ شەھۋان شەرىف شەھىرىدىكى لال شاھباز قەلەندەر مەقبەرەسىگە ئۈچ كۈن ئىلگىرى سوپىيلار مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئەسنادا قىلىنغان بومبىلىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى ئۆلۈپ، 150دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغانىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى تېررور ھۇجۇمىنىڭ ئافغانىستان زېمىنلىرىدا پىلانلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توركھام چېگرا ئېغىزىنى تېررورلۇق تەھدىتىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ تاقىۋەتتى.

پاكىستان ئارمىيەسىمۇ كابۇل ھاكىمىيىتىگە 76 تېررورچىنىڭ ئىسىمى بولغان تىزىملىكنىڭ بېرىلگەنلىكىنى ۋە بۇ تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈپ پاكىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ مەقبەرەگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننى تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر